خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاۋغۇست، شىنجاڭ خەلق سارىيى ئادەملەر بىلەن لىقمۇلىق تولدى. جۇڭگو ئوپېرا تىياتىر ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن يېپىلىش مۇراسىمى ئويۇنى «جاۋ فامىلىلىك يېتىم بالا»نىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى.
يېپىلىش مۇراسىمى ئويۇنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى بىرقۇر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. 50 مىڭغا يېقىن تاماشىبىن بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدىكى 60 مەيدان ئويۇننىڭ شاھىدى بولدى، 17 كۈنلۈك سەھنە ۋە سەھنە ئارقىسىدىكى ئىشلار ئۇنتۇلغۇسىز ۋە تەسىر قىلارلىق بولدى.
10 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 21 سەنئەت ئۆمىكى بۇ تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسىدا ئۆزىنى يارقىن نامايان قىلدى، ئۇلارنىڭ ئېيتقان ناخشىسى تەڭرىتاغدا ياڭراپ، ئوينىغان ئۇسسۇللىرى يىپەك يولىغا يارقىن ئىزناسىنى قالدۇردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە چەت ئەل مەدەنىيىتى بۇ يەردە سەمىمىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، «جۇڭگو ئارزۇسى- رەڭدار يىپەك يولى»نى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى.
«تەنتەنىلىك سەنئەت كۆرىكى، خەلقنىڭ بايرىمى» بولسا جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ قىبلىنەماسى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قەلبى ئاممىغا باغلانغان، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلدى. ئورۇندالغان بارلىق ئويۇن ۋە ئۇسسۇل كۆرىكىگە ھۆكۈمەت تولۇقلىما پۇل بەردى، بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ھەقسىز ئېچىۋىتىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ چېنشەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شىنمىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئويۇنىنى كۆردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى؛ ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى