باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

غۇلجا شەھىرىدە بىر كىچىك بالا پىكاپقا سولىنىپ قېلىپ قاتتىق بىئارام بولغاندا، خەلق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى

2017.08.04 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىچىك بالا پىكاپقا سولىنىپ قېلىپ، دېرىزىنى ئۇرۇپ قاتتىق يىغلايدۇ ۋە سىرتتىكىلەردىن قۇتقۇزۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقان بولۇپ، خەلق ساقچىسى يېتىپ كېلىپ، پىكاپنىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ تارتىپ ئاچىدۇ، بالا چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن بولۇپ، يۈزى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 35 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، ئىشىكلىرى ھىم ئېتىلگەن پىكاپنىڭ ئىچىدە 4-3 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىچىك بالا پىكاپنىڭ دېرىزىسىنى ئۇرغىنىچە ۋارقىراپ يىغلاۋاتاتتى.

  پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇلغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بىر كىچىك بالا سولىنىپ قالغان بولۇپ، بۇنداق ئىسسىق كۈندە ناۋادا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ چىقىلمىسا، ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى. 29-ئىيۇل سائەت 14 ئەتراپىدا، غۇلجا شەھىرى قازانچى ساقچىخانىسى ئامما مەلۇم قىلغان دېلونى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا بارىدۇ.

  دېلو بىر تەرەپ قىلىشقا چىققان خەلق ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يېتىپ بارغاندا، پىكاپنىڭ ئىشىك ۋە دېرىزىلىرى ئېتىۋىتىلگەن، پىكاپنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا 4-3 ياشلاردىكى بىر كىچىك بالا بولۇپ، بالىدىن چىققان تەردىن ئۇنىڭ چېچى ۋە كىيىملىرى چىپ-چىپ ھۆل بولۇپ، يۈزى قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەنىدى.

  خەلق ساقچىسى مۇنداق دېدى: «بالا پىكاپنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن بىئارام بولغان، بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن پىكاپنىڭ دېرىزىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرغان، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇس بولغان يەردە، پىكاپ ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاللىقاچان ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.»

  پىكاپتا پىكاپ ئىگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلۇپ قويۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالغان خەلق ساقچىسى پىكاپ دېرىزىسىنى چېقىپ، بالىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى ئويلايدۇ، بىراق ئۇلار پىكاپنىڭ شوپۇر ئورۇندۇقى تەرىپىدىكى ئىشىكىنىڭ تازا ھىم ئېتىلمەي قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بەش-ئالتە ساقچى بىرلىشىپ، ئىشكنى تارتىپ ئاچىدۇ.

  خەلق ساقچىسى مۇنداق دېدى: «شوپۇر پىكاپتىن چۈشكەندە، پىكاپ ئىشىكى تازا ياخشى يېپىلماي قالغان بولۇشى مۇمكىن»، دېلو قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ بالىنى قۇتقۇزۇۋالغىچە، جەمئىي بەش مىنۇت ۋاقىت كەتتى.

  بالىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، خەلق ساقچىسى بىر تەرەپتىن ئۇنى بەزلەپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلىغان. ئالاھەزەل 40 مىنۇتتىن كېيىن، بالىنىڭ بوۋىسى يېتىپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىنىڭ ئاپىسى ۋە مومىسىمۇ يېتىپ كەلگەن.

  بالىنىڭ بوۋىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار شۇ كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىدىن غۇلجا شەھىرىگە ئوينىغىلى كەلگەن، ئاپتوموبىلنى ئىلى ئوبلاستلىق پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇپ، بالىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر ھازاغىچە ئويغانمايدىغۇ دەپ، بالىنىڭ مومىسى بىلەن ئاپىسى يېقىن ئەتراپقا مال سېتىۋىلىش ئۈچۈن كەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يانفونىنىڭ كاشىلىسىنى كۆرسىتىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇدۇل تەرەپتىكى يانفون ساتىدىغان دۇكانغا كىرىپ كەتكەن، بالىنىڭ ئويغىنىپ ئۇياق-بۇياققا كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بىخەستىلىك قىلغىنىنى تونۇپ يەتتى ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھېلىمۇ بالىنى ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۋالغانلىقىدىن چوڭقۇر مىننەتدار بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر