3-ئاۋغۇست، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان بىر قىسىم ساياھەتچىلەر شاڭخەي پويىز ئىستانسىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، شاڭخەيدە تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى __ Y206- قېتىملىق پويىز 530 ساياھەتچىنى ئېلىپ شاڭخەي پويىز ئىستانسىسىدىن ئاستا يولغا چىقىپ، شاڭخەيدىن قەشقەرگىچە بولغان يىپەك يولى ساياھىتىنى باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ شىنىڭ، جاڭيې، دۇنخۇاڭ، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق تارىخىي مەشھۇر شەھەرلەردىن ئۆتىدىكەن. بۇنىڭدا تۆمۈريول مەخسۇس ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش يولغا قويۇلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى