باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47 مىڭ يۈەنگىچە مائارىپ راسخوت پۇلى تېجەپ قالالايدۇ

2017.08.04 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، «ئۈرۈمچى شەھىرىدە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پىكىر دېيىلىدۇ)گە نىسبەتەن سىياسەت چۈشەندۈرۈشى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئېلىپ بېرىلدى.

  2017-يىلىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزىلارغا نىسبەتەن 15 يىللىق، شەھەر-بازارلارغا نىسبەتەن 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ، 2018-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن شەھەر بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، يېزىلاردا ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، شەھەر-بازارلارنىڭ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى ئىككى يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى (يەسلى ئوتتۇرا سىنىپى، يەسلى يۇقىرى سىنىپى) سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. 2018-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى تولۇق يولغا قويۇلىدۇ.

  15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەقسىز مائارىپ ئاساسىدا، پۈتۈن شىنجاڭدا «ئۈچ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش» بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ؛ 2016-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، 2017-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئورۇندىلىدۇ؛ 2018-يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايون بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر