باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى

2017.08.04 13:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «2017-يىللىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىكى تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، بارلىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلنى ئامان ئېسەن، خۇشال، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش، ھەقلىق دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللەشنى چەكلىشى كېرەك. جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش ھادىسىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش ھادىسىلىرىگە قارىتا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ئاتا ئانىلارنى بالىلارنى قارىغۇلارچە تۈرلۈك ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا بەرمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەت مەزمۇنى ۋە ۋاقتىنى مۇستەقىل مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يېقىن ئەتراپتا ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت ئەمەلىي مەشىقى، جامائەتچىللىك ئەمگىكى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئائىلە ئەمگىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا، مەھەللىلەر، يېزا قىشلاقلار، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر