باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈشى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى، ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان قىلمىش، دېدى

2017.08.04 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 3-ئاۋغۇست مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان ئارمىيەسنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى، ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان قىلمىش، ھىندىستان تەرەپ چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن خادىملىرىنى دەرھال چېگرا سىزىقىنىڭ ھىندىستان تەرەپىگە يۆتكەپ كېتىشى شەرت.

  مۇخبىر: جۇڭگو تەرەپ تۈنۈگۈن «ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىنىڭ سىككىم بۆلىكىدىن جۇڭگو زېمىنىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى پاكىت ۋە جۇڭگونىڭ مەيدانى» نى ئېلان قىلدى، ھۆججەتتە 6-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو تەرەپ دوڭلاڭ رايونىدا تاشيول قۇرۇلۇشى قىلدى، بۇ ئىشتىنمۇ ھىندىستان تەرەپنى خەۋەرلەندۈرۈلدى، دېيلىپتۇ. قۇرۇلۇش قىلىشتىكى مەقسەت نىمە؟ خەۋەرلەندۈرۈلگەن كونكېرىت ئەھۋاللار نىمە؟ ھىندىستان قانداق ئىنكاس بىلدۈردى؟، دەپ سورىدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكىنىڭ جۇڭگو تەرەپىدىكى دوڭلاڭ رايونىدا تاشيول قۇرۇلۇشى قىلدى، مەقسەت يەرلىكنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، شۇ يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ چارۋا بېقىشى ۋە چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ چارلاش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش. بۇ جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىدا قىلىۋاتقان نورمال بىر ئىشى، تامامەن يوللۇق ۋە قانۇنلۇق.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دوستلۇق يۈزىسىدىن ياخشى نىيەت بىلەن، چېگرا مۇداپىئە مېخانىزىمى ئارقىلىق 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بىلەن 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ھىندىستان تەرەپكە ئىككى قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلدى، لېكىن ھىندىستان ھېچقانداق ئىنكاس بەرمىدى. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ 270 نەچچە ئەسكىرى قوراللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن، دوكالا ئېغىزى ئارقىلىق سىككىم بۆلىكىدىكى چېگرا سىزىقىدىن تەپتارتماي ئۆتۈپ 100 نەچچە مېتىر ئىچكىرلەپ كىردى، ئۇلار جۇڭگو چېگرىسىگە كىرىپ يول ياساشقا توسقۇنلۇق قىلدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ يەنە 48 ئەسكىرى بىلەن بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى جۇڭگو زېمىنىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان ئارمىيەسى نۇرغۇن قوراللىق خادىملىرىنى چېگرا سىزىقى بىلەن چېگرا سىزىقىنىڭ ھىندىستان تەرەپىگە توپلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر