باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئۆز ئىسمى بويىچە ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئۇلاندى

2017.08.04 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆز ئىسمى بويىچە ئەۋەتىش ۋە قوبۇل قىلىش تېز يەتكۈزۈش ئۇچۇر سىستېمىسى تېز كېڭەيتىلمەكتە، بۇ سىستېمىدا كىملىك كود ئارقىلىق ئۆز ئىسمى بويىچە تېز يوللانما ئەۋەتىشكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ.

  2-ئاۋغۇست، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېكىتى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەر ئۆز ئىسمى بويىچە تېز يوللانمىلارنى ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇلغان بولۇپ، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى دۆلەت پوچتا ئىدارىسى ئاچقان «ئەنيى تېز يەتكۈزۈش» ئۆز ئىسمى بويىچە يەتكۈزىدىغان ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئۇلاپ، ئەۋەتىش- يەتكۈزۈشتىكى بىر تۇتاش كود ۋە سۈرەتلەرنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكا ئارقىلىق، تېز يەتكۈزۈش ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ فاڭ مۇنداق دېدى: تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغىلى گەرچە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن يوللانما ئەۋەتكۈچىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى قول بىلەن تىزىملاتقانلىق سەۋەبىدىن قېلىپلاشمىغان ۋە ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  «ئەنيى تېز يەتكۈزۈش»نى ئىشلەتكۈچى ئابۇنت نۇسخىسى APPنى چۈشۈرۈپ، رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقاندىن كېيىن، «ئۆز نامىدىكى كود» تىزىملىكىنى ئېچىپ كىملىك، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، پاسپورت، نوپۇس دەپتىرى، شياڭگاڭ-ئاۋمېن يول خېتى ۋە ئوفىتسېرلىق گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئالتە خىل ئۈنۈملۈك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئۆز ئىسمى بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە بولىدۇ ھەمدە سالاھىيىتى كود ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنىدۇ. ھەر قېتىم پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتكەندە، پەقەت يان تېلېفوندىكى سالاھىيەت كودىنى كۆرسەتسىلا، سالاھىيەت ئۇچۇرى تېز تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىدۇ، كىملىكنى كۆپ قېتىم كۆرسىتىش ئاۋارىچىلىقى ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر