خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، «جۇڭگو مىللەتلەر قامۇسى»نى نەشىر قىلىش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
18 يىل رەتلەپ تۈپلەش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى مىللەتلەر قامۇسى بولغان «جۇڭگو مىللەتلەر قامۇسى» يېقىندا جۇڭگو نەشىر گۇرۇھى دۇنيا كىتاب نەشىر شىركىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەتقىقاتىنىڭ جەملىمە خاراكتېرلىك نەتىجىسى ۋە جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى قوللانما كىتاب «جۇڭگو مىللەتلەر قامۇسى»نىڭ نەشىر قىلىنىشى جۇڭگو مىللەتلەر تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئۇل خاراكتېرلىك رولى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى