- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكىتىمىزدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 230 مىليون كىشىدىن ئېشىپ، ئومۇمىي نوپوسنىڭ %16.7 نى ئىگىلىدى
2017.08.04 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 3-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتېستىكا ئاخباراتى» دىن قارىغاندا، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان ياشانغانلار 230 مىليون 860 مىڭ كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپوسنىڭ %16.7 نى ئىگىلىگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان نوپوس 150 مىليون 30 مىڭ كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپوسنىڭ %10.8 نى ئىگىلىگەن.
«ئاخبارات» تا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى بىلەن ئەسلىھەسى 140 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىسىدىن %20.7 ئاشقان؛ تۈرلۈك كۈتۈنۈش كارۋىتى 7 مىليون 302 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىسىدىن %8.6 ئاشقان؛ ھەر مىڭ ياشانغان كىشى 31.6 دىن كۈتۈنۈش كارۋىتى توغرا كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىسىدىن %4.3 ئاشقان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر