باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى بولمىدى

2017.08.03 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى2-ئاۋغۇست، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ شۇ كۈنى تېررورچىلار قويۇپ بەرگەن رىكىتامىيۇتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئىككى باي رىكىتامىيۇتنىڭ ئەلچىخانىنىڭ قۇرسىغا چۈشكەنلىكىنى، ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى باي رىكىتامىيۇتنىڭ ئەلچىخانىغا يېقىن جايغا چۈشكەنلىكىنى، ئەلچىخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، بىراق بەختكە يارىشا ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيە تېررورچىلارنىڭ دەمەشق ۋە سۇرىيەنىڭ باشقا نوپۇسى كۆپ شەھەرلەردىكى ئائىلىكلەر رايونىغا ياۋۇزلارچە ھەرىكەت قوللانغانلىقىغا كۆپ قېتىم دىققەت قىلدى، رۇسىيە مۇرەسسەلەشمەيدۇ، تېررورچىلار بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلىدۇ.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەرب ئەللىرى ئەزالىرىنىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە مەدەت بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر