باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپ رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشيەنگە قاراتقان جازالاش لايىھەسىنى ئىمزالىدى، بىراق بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئېغىر كەمكۇسىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

2017.08.03 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 2-ئاۋغۇست، رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشيەندىن ئىبارەت ئۇچ دۆلەتكە قاراتقان جازالاش لايىھەسىگە قول قويدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ رەسمىي كۈچكە ئىگە قانۇنغا ئايلاندى. تىرامپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئېغىر كەمكۇسىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

  تىرامپ مۇنداق دېدى: مەن، ئىران بىلەن چاۋشيەننى قاتتىق جازالاشنى قوللايمەن، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

  تىرامپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ سىرت بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىش جەھەتتىكى ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، زۇڭتۇڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرىدىغان ۋاقىتتىكى جانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.

  تىرامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، رۇسىيەنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىنى، كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل يەر شارىدىكى زور مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جازالاش لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر