باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېدىۋدېف، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى جازالاش لايىھەسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق دېدى

2017.08.03 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭلىسى مېدىۋدېف 2-ئاۋغۇست، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئەڭ يېڭى جازالىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق، يېڭى جازالاش لايىھەسى بىر قىسىم ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كېلىپ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈمىدىنى بەربات قىلىدۇ، ئامېرىكا رۇسىيەگە ئومۇميۈزلۈك سودا جېڭىنى قوزغىدى دېدى.

  مېدىۋدېف شۇ كۈنى ئىجتىمائىي تور بېكىتىدە مۇنداق دېدى: جازالاش ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان خاراكتېرگە ئىگە، ئەگەر مۆجىزە يۇز بەرمىسە، ئۇنداقتا جازالاش نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: تىرامپ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى يوقىتىش ئۇسۇلى بىلەن مەمۇرى ھوقۇقنى پارلامېنتقا تاپشۇرۇپ بەردى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەھكىمىسى 2-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىشتىن مەقسىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. قانداق تەھدىت ۋە سۇيىقەستلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ لۇشيەنىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ياكى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان بەرگۈزەلمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر