- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول 18 ياشلىقلار كوماندىسى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 3-لىكنى قولغا كەلتۈردى
2017.08.04 16:25 مەنبە: خەلق تورى
3-ئاۋغۇست، تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەرلەر پۇتبول تۈرى 18 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ 3-لىكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى 1دە 0 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ كوماندىسىنى يېڭىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەرلەر پۇتبول تۈرى 18 ياشلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ 3-لىكىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى.
2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول 20 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى مەملىكەت بويىچە 4-لىككە ئېرىشكەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر