باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا بويىچە 2-چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشقا باشلىدى

2017.08.04 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بويىچە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى 3-ئاۋغۇست ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمى 16 مىليون كىلوۋات بولۇپ، سەنشيا قۇرۇلۇشىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ.

  بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ دامبىسى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭنەن ناھىيەسى بىلەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتۇڭ شەھىرى چياۋجيا ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرغان جىنشاجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن بۆلىكىگە جايلاشقان. سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توغىنى بېتون ھېپىربولالىق ئەگمە تۈگۈن شەكلىدە ياسىلىدىغان بولۇپ، 300 مېتىر دەرىجىلىك ئېگىز ئەگمە توغانغا تەۋە؛ نورمال سۇ ساقلاش ئورنى 825 مېتىر بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش چېكى 785 مېتىر. پىلانغا ئاساسلانغاندا، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ دامبىسى 2021-يىلى 5-ئايدا چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلاپ، شۇ يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار توك چىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن گېنېراتورلار 2022-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر