باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازالاش لايىھەسىنى ئىمزالىدى

2017.08.03 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاق ساراي ئەمەلدارى شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشيەنگە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك جازالاش لايىھەسى ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ جامائەت پىكرى تىرامپنىڭ بۇ لايىھەنى ئىمزالاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى پەرەز قىلغان، چۈنكى زۇڭتۇڭنىڭ ئىمزالاشنى ئىنكار قىلىش ۋە ئىمزالىماسلىق ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ لايىھە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.

  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى «ئامېرىكىنىڭ رەقىبىنى جازالاش ئارقىلىق چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى بىلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇپ، 419 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، ئۈچ ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغان. كېڭەش پالاتاسى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 98 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، ئىككى ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇش بىلەن ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ماقۇللىغان. مەزكۇر لايىھە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشى، ئۇكرائىنا ۋە سۇرىيە مەسىلىسىگە ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىشنى باھانە قىلىپ، رۇسىيەنىڭ شەخسىي ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادىنى جازالىغان؛ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئىران ۋە چاۋشيەننى جازالىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر