باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10 مىنىستىرلىق-كومىتېت بىرلىشىپ ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى

زالوكنى كەچۈرۈم قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى

2017.08.04 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، دۆلەت ساياھەتچىلىك ئىدارىسى قاتارلىق 10 مىنىستىرلىق-كومىتېت بىرلىشىپ 8-ئاينىڭ 2-كۈنى «ئالاقە تورى ۋېلىسىپىت ئىجارىكەشلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە ئالاقە تورى ۋېلىسىپىت ئىجارىكەشلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاممىنىڭ قىسقا ئارىلىق سەپىرىنى قولايلىقلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىش رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، «مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، قائىدىلىك-تەرتىپلىك بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، كۆپ تەرەپ ئورتاق باشقۇرۇش» ئاساسىي پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقە تورى ۋېلىسىپىت ئىجارىكەشلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «يېتەكچى پىكىر»دە تەرەققىياتقا رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش، تىجارەت مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ مەبلىغى ۋە تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئالاقىدار كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر