- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتاردا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 5 مىليارد ياۋرولۇق ھەربىي قۇرال ياراق سېتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
2017.08.03 14:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى، فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىدىن كېيىن، ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرى ئارفانو 2-ئاۋغۇست زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، قاتارنىڭ پايتەختى دوخاغا يېتىپ باردى. ئىككى دۆلەت شۇ كۈنى، يەتتە ھەربىي پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5مىليارد ياۋرولۇق ھەربىي قۇرال ياراق سېتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ قۇرال ياراقلار ئىككى تەرەپلىك ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېسابلاندى.
ئارفانو مۇنداق دېدى: ئىتالىيە قاتار بىلەن بولغان مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، بىراق، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، شۇنداقلا قاتارغا ھەربىي قۇرال ياراق سېتىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ھەمكارلىق ئىقتىسادى سودا ساھەسىگە كېڭەيتىلىپ، ئىككى دۆلەت ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر