باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىن دىلىمىزدىن قوغدايلى، ئورتاق يۇرت- ماكانىمىزنى سادىقلىق بىلەن قوغدايلى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى دىلشات پەرھات

2017.08.03 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، مېنىڭ نەزەرىمدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ئىش- ئىزلار ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىش- ئىزلار كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ ھەم تولىمۇ قىممەتلىك. مەن يەسلىدىن تارتىپ دۆلەت تىلىدا تەربىيە ئالغان. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنى پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن، خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە ئىختىيارسىز تەسىرلىنىمەن، ھاياجانلىنىمەن، ئۇلاردىن مىننەتدار بولىمەن. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ رېئال كارتىنىسىدۇر.

  يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ، تەپ تارتماستىن «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن سەپسەتىنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى زەھەرلەپ، ئالداپ ۋە قۇترىتىپ، قەبىھ ئۇسۇلدا ئاتالمىش «غازات» قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە زور زىيان سالدى. بىز مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا ۋە تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل غەرىزىنى پاش قىلىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز مىللىي بۆلگۈنچى كۈچكە، دىنىي ئەسەبىي كۈچكە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈچلىرىگە قاتتىق نەپرەتلىنىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەننى، تىنچلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى، خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇشنى سۆيىمىز.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر ئوچۇم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى مۈجمەل، تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس، ئۇلار ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر قازاندا قاينايدۇ، ئۇلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش جەريانىدىكى زوراۋان- تېررورچىلاردىنمۇ خەتەرلىك، زەھەرلىك ھەم زىيىنى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئۇزاققىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلاردۇر. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدىن تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەسلەر، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىغۇچى «قارا قول»لار چىقىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە سالىدىغان زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر چىقسا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، كەم- كوتسىز ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئىش تەتۈرگە يېنىش خەۋپى كۆرۈلىدۇ؛ ئەگەر مەدەنىيەت قوشۇنىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر چىقسا، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىدە تېخىمۇ ئېغىر زىيان پەيدا قىلىدۇ؛ ئەگەر سىياسىي- قانۇن قوشۇنىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر چىقسا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھەرىكەت كۈچى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، جىنايەتچىلەر قانات ئاستىغا ئېلىنىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئەۋج ئالالمايدۇ؛ ئەگەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر چىقسا، ئاممىنى يېتەكلىگىلى، ئاممىنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، مۇقىملىقنى قوغداشقا باشلىغىلى بولمايدۇ، «ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاش»مۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ زور كۈچىنى مۇجەسسەملەش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.

  بىز پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار پارتىيەگە سادىق، پاك بولۇشىمىز، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالالايدىغان زېرەك، سەمىمىي ئادەملەردىن بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، مۇساپە ئۇزاق، بىز ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تولۇق يوقىتىشىمىز، بىر جۈپ ئەمگەكچان قولىمىزغا تايىنىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ بەختىيار كېلەچەك يارىتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر