باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە كېسەل كۆرۈش ئەترىتى خوتەن ناھىيەسىدە ھەقسىز كېسەل كۆردى

2017.08.03 15:13         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى يەتتە مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە يېزىلارغا بېرىپ سەييارە كېسەل كۆرۈش ئەترىتى يېقىندا خوتەن ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ باغچى بازىرى ۋە سېغىزكۆل يېزىسىنىڭ كەنتلىرىدە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ ۋە ئۇلارغا ھەقسىز دورا بېرىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  سېغىزكۆل يېزىسىنىڭ قۇمباغ كەنتىدىكى خالىس كېسەل كۆرۈش نۇقتىسىدا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئامما مۇتەخەسسىسلەرنى ئورۇۋالغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ھەر بىر ئاغرىقنىڭ كېسەل تارىخىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سوراپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، دورا بېرىپ، دورىنى ئىچىش ئۇسۇلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېنىق چۈشەندۈردى.

  سەييارە كېسەل كۆرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى دېپېڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشىك ئالدىدىلا يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلگەن دېھقان مەمەتنىياز مەتروزى مۇنداق دېدى: مېنىڭ يۈرەك كېسىلى بولغىنىمغا ئۇزاق يىل بولدى. ھەر يىلى ئۈرۈمچىگە تەكشۈرتۈشكە باراتتىم. بۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى كەنتىمىزگە كېلىپ، سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى ۋە دورا بەردى. ئۈرۈمچىگە بېرىپ- كېلىشتىكى قاتناش، ياتاق، تاماق، دىياگنوز چىقىملىرىم تېجەلدى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقان- چارۋىچىلارغا قىلغان غەمخورلۇقىغا كۆپ رەھمەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر