باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى زادى قانچىلىك ئاۋات؟

مېھمانخانىلار 10-ئايغىچە زاكاس قىلىنىپ بولدى

2017.08.03 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، مېھمانخانىلار ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ساياھەت يېتەكچىسىنى ئالدىن زاكاس قىلىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، ئاپتوموبىل، ياتاقنىمۇ ئالدىن زاكاس قىلىش كېرەككەن. بەزى ساياھەت رايونلىرى ئەتراپىدىكى مېھمانخانىلاردا 8-ئايدا بىرمۇ بوش ياتاق قالمىغان، بەزى مېھمانخانا ياتاقلىرى 10-ئايغىچە ئالدىن زاكاس قىلىنىپ بولۇنغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئاساسلىق مەنزىرىلىك رايونلىرىدىن 23 ىنىڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى، كىرىش بېلىتى كىرىمى ۋە ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئايرىم-ئايرىم %23، %27 ۋە %60.86 كە يەتكەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كىرگەن، مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەممىلا يەردە قولىغا ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئالا-يېشىل بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ «پالانچى ئۆمەكنىڭ ساياھەتچىلىرى، تېز ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار!» دېگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ، باشقىچە ئاۋات ۋە قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى؛ ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر