باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پاتىگۈل ھەبىبۇللا

2017.08.03 15:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرقى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتتە، پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  ئاتا- ئانام پارتىيە ئەزاسى، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم. پارتىيەگە ئەزا بولغاندا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدەم ۋە قەسىمىمنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ كەلدىم، بۇ ۋەدەم ۋە قەسىمىم مېنى ھەر ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكە شاھىت بولدۇم، كومپارتىيە بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى مەجبۇرىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر مۇتلەق سادىق بولىمەن: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا قەتئىي مۇتلەق سادىق بولىمەن؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت زور پىرىنسىپال مەسىلىدە بايرىقىمنى قەتئىي روشەن، مەيدانىمنى قەتئىي مۇستەھكەم قىلىمەن، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللىي ھېسسىياتقا سوغۇقچىلىق سېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىش غەرىزىدە بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا ھەرگىز قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، تەلۋىلەرچە، بىگۇناھ كىشىلەرنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن رەزىل قىلمىشى بىزنى قاتتىق نەپرەتلەندۈرىدۇ. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىگە قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى پاش قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى تەۋرەنمەي قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

  ئۇيغۇرلاردا: «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە»، «ئالتۇن ئەمەس ھەقىقىي بايلىق، بەخت- سائادەتتۇر ئىناق- ئىتتىپاقلىق» دېگەن ماقال بار. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر- بىرىنى ئويلايدىغان، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىنى ھاسىل قىلدى. ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، زور ھەيۋە پەيدا قىلىپ، ھەيۋەتلىك كۈچ بولۇپ ئۇيۇشىدىغانلا بولساق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئەتراپىمدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيمەن.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن ئىلمىي نىشان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، شۇنداقلا ئەمەلىيەتكە، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئاقىلانە قارارى بولۇپ، ئۇنى چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  «مۇقىملىق − بەخت، قالايمىقانچىلىق − ئاپەت». مۇقىم ۋەزىيەت بولمىسا، جەمئىيەت تەرەققىي قىلالمايدۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزمۇ يوققا چىقىدۇ. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دائىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىگە ئىنتىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش زور سىياسىي مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا بىرلىكنى قوغداشتىكى ھەققانىي ھەرىكەت بولۇپ، بۇنى قەتئىي بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ! مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇقىملىقنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر