- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گېڭ شۇاڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا ھۆججەت ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
2017.08.03 13:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ھۆججەت ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بۇنداق ھۆججەت ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ قېتىم ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش ئىشىدىكى ھەقىقىي ۋەقەنى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈش، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەش، جۇڭگونىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى شۇنداقلا خەلقئارا قانۇندىكى ئاساسى پىرىنسىپ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى تۈپ مىزاننى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش، جۇڭگو ھەققانىيەتنىڭ ئادىل داراز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھامان كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر