خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاۋغۇست، جۇڭگو ئوپېرا- تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «ساۋاقداشلارنىڭ ياشلىق-ئۆسمۈرلۈك دەۋرى» ئۈرۈمچىدە ئورۇندالدى. بۇ، 24 ياشلىق باش رولچى ياڭ سىيۈنىڭ 20-قېتىم ماۋزىدۇڭنىڭ رولىنى ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 21 ياش ۋاقتىدا بىرىنچى قېتىم ماۋزىدۇڭنىڭ رولىغا چىققاندىن باشلاپ، ھەر بىر قېتىم رولغا چىققىنىدا ئوخشىمايدىغان تەسىراتتا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇخبىر: سىز 21 ياش ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ ماۋ رۇنجىنىڭ رولىغا چىقىپتىكەنسىز، بۇ رولنى ياخشى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن سىز قانداق تەييارلىقلارنى قىلدىڭىز؟
ياڭ سىيۈ: مەن تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆردۈم، كىتاب كۆرۈش ئارقىلىق ماۋزىدۇڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ھېكايىسىنى چۈشەندىم، «ماۋزىدۇڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما»نى ئوقۇدۇم، يەنە «دۆلەت قۇرۇش يولىدىكى ئۇلۇغ ئىش» دېگەن كىنونى، «ساۋاقداشلارنىڭ ياشلىق-ئۆسمۈرلۈك دەۋرى» دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆردۈم، كۆپ تەرەپلىمىلىك سەنئەت تۈرلىرى ۋە ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندىم.
مۇخبىر: ئويۇن قويغاندا، تاماشىبىنلارنى قانداق تەسىرلەندۈرىسىز؟
ياڭ سىيۈ: ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلارنىڭ زىددىيەت مۇناسىۋىتى بار، بىزدە ئۇسسۇل ئويناشتىن بۇرۇن چوقۇم كەيپىيات بولۇشى كېرەك، ئاندىن ئۇسسۇل بولىدۇ، شۇڭا ئويۇن قويغاندا كەيپىيات بىر ئېگىز نۇقتىغا ۋە چوڭقۇرلۇققا يېتىپ بارغاندا، ھەرىكەتلەرمۇ تەبىئىي ھالدا شۇنى ئىپادىلەيدۇ. بىز تاماشىبىنلارغا كەيپىيات بىلەن ھەرىكەتنىڭ ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشقان ھېسىياتى بولغاندا ئۇسسۇل بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىمىز، ئاندىن ئۇسسۇللۇق تىياتىردىكى پېرسوناژلارنىڭ زىددىيەت مۇناسىۋىتى تاماشىبىنلارغا جىددىي ۋە كەسكىن، تەنتەنىلىك ياكى قايغۇلۇق ھېسياتلارنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا سەھنە ۋە چىراغ نۇرلىرى ماسلىشىپ، كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە كەيپىياتنى بەرپا قىلىدۇ.
مۇخبىر: 20 قېتىم ماۋزىدۇڭنىڭ رولىغا چىقىش جەريانىدا، ئۆزىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟
ياڭ سىيۈ: ئۇسسۇللۇق تىياتىر كىنوغا ئوخشاش بەك ئاسان بېكىتىلمەيدۇ، بىزنىڭ ھەر بىر ئويۇنىمىزنى بىر قېتىملىق ئويۇن قويۇش ئۇسۇلىنى تۈزىتىش پۇرسىتى دېيىشكە بولىدۇ. ھەر بىر كەيپىياتنىڭ تېيىز-چوڭقۇرلۇقى، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلى ئوخشىمايدۇ. دەسلەپتە ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا، پېرسوناژ خاراكتېرىنى ئىپادىلەشكە نىسبەتەن تازا ئىنچىكە بولالمىغان، ھازىر پېرسوناژنىڭ ھېسياتىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى كونترول قىلالايمەن. ماۋزىدۇڭنىڭ رولىغا چىقىش تىياتىردىن سىرتقى ۋاقىتتىكى ماڭا شەيئىلەرگە قاراش ئۇسۇلى جەھەتتىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، بۇ خىل تەسىرنىڭ پايدىسى بىر ئۆمۈرلۈك بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى