باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بانكىچىلىق نازارەتچىلىكى كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، رەئىس ياردەمچىسى ياڭ جياسەي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2017.08.02 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆۋەندىكى مەسىلە ئۈستىدىن، يەنى جۇڭگو بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، رەئىس ياردەمچىسى ياڭ جياسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قىلدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇنۇلار ئېنىقلانغان: ياڭ جياسەي سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، كۆزىتىش ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ، شەخسىي ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تەشكىلسىز ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىگەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھقا كىرىپ چىققان؛تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش ۋە تەيىنلەش خىزمىتىگە ئارىلىشىپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوغلىنىڭ تىجارەت پائالىيىتى ئۈچۈن ياردەم قىلغان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان.ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ۋە زور سوممىلىق مال-مۈلۈك قوبۇل قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر