باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئافغانىستاننىڭ 2- مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سەرۋەر دانىش بىلەن كۆرۈشتى

2017.08.02 13:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئافغانىستاننىڭ 2- مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سەرۋەر دانىش بىلەن كۆرۈشتى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 7- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئافغانىستاننىڭ 2- مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سەرۋەر دانىش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سەرۋەر دانىشنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىشىنىشكە بولىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوستلاردىن. جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بىردىنبىر ئاپتونوم رايونى، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ غەنى ھاسىل قىلغان بىر يۈرۈش ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، «جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ئافغانىستان بىلەن بولغان ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىساد- سودا، ئادەمىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، رايون بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت- سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  سەرۋەر دانىش مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان ياخشى دوستى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىزنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى قەدىرلەپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولىغا ئېتىبار بىلەن قارايمىز. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئۇلۇغ ئىجادىيەت، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئافغانىستان بۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ. ئافغانىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئادەمىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، جاۋ چىڭ، ئافغانىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانان مۇسازايىد كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر