باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى

2017.08.03 13:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ جۇڭگو ھىندىستان چېگراسى سىككىم بۆلىكىدە چېگرىدىن ئۆتۈپ جۇڭگو زېمىنىغا كىرگەنلىكىگە ئائىت پاكىت ۋە جۇڭگونىڭ مەيدانى»نى ئېلان قىلدى.

  ھۆججەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۇڭلاڭ رايونى چېگرا لىنىيەسىنىڭ جۇڭگو تەرىپىگە جايلاشقان، جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو دۇڭلاڭ رايونىدا يول ياساۋاتاتتى. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسمى 270دىن ئارتۇق قوراللىق خادىم، ئىككى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ئېلىپ، دوكاراشەن ئېغىزى ئارقىلىق، سىككىم بۆلىكىدىن 100مېتىردىن ئارتۇق چېگرا ھالقىپ، جۇڭگو چېگراسىغا كىرىپ، جۇڭگونىڭ يول رېمونت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ چېگرا ئاتلىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 400دىن كۆپرەككە يەتتى، ھەتتا ئىككى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، ئۈچ چىدىرمۇ بار، چېگرا ئاتلاپ 180 مېتىردىن كۆپرەك چوڭقۇرلاپ كىردى. 7-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ 40دىن كۆپرەك ئادىمى ۋە بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى جۇڭگو زېمىندا قانۇنسىز تۈردى. بۇ قېتىمقى ۋەقە چېگرا لىنىيەسى ئېنىق بېكىتىلىپ بولغان رايوندا يۈز بەردى، ئىلگىرى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ بېكىتىلمىگەن چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش بىلەن بەلگىلىك پەرقلىنىدۇ. ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسمى بېكىتىلىپ بولغان چېگرىدىن ھالقىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ، 1890-يىلدىكى شەرتنامىگە، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى»گە خىلاپ قىلدى، خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسى مىزانىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلدى، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر. ھىندىستاننىڭ تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىشى پاكىت ۋە قانۇن جەھەتتە قىلچە ئاساسى يوق، پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

  ھۆججەتتە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئەڭ زور سەمىمىيىتى بىلەن ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھىندىستان بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەمما ھەر قانداق دۆلەت جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى كېرەك. جۇڭگو زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەقە بېكىتىلىپ بولغان چېگرا لىنىيەسىنىڭ جۇڭگو تەرىپىدە يۈز بەردى، ھىندىستان دەرھال شەرتسىز ھالدا چېگرا ئاتلاپ كىرگەن چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى ھىندىستان تەرەپكە چېكىندۈرۈشى كېرەك. بۇ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى.

  جۇڭگو ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى دەرھال چېگرا ئاتلىغان چېگرا مۇداپىئە قىسمىنى چېگرا لىنىيەسىنىڭ ھىندىستان تەرەپكە دەرھال چېكىندۈرۈشكە ھەمدە قانۇنسىز چېگرا ئاتلاپ كىرىش قىلمىشىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تېزدىن مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت چېگرا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر