باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش − مۇقەددەس بۇرچىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەخمۇت ئوسمان

2017.08.03 15:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىز تۆت قېرىنداش بولۇپ، كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتا- ئانىمىز دائىم كونا جەمئىيەت بىلەن يېڭى جەمئىيەتنى سېلىشتۇرۇپ، بىزگە پارتىيەنى ۋە سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى، ئۇلار بىزگە دائىم «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، گۈزەل كەلگۈسىمۇ بولمىغان بولاتتى» دەيتتى. مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەسىدە قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئوخشاش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا مىسلىسىز تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ھەر مىللەت خەلق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولدى، تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. لېكىن، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللىي بۆلگۈنچىلىك غەرىزىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە خەلقنىڭ تىنچ، بەختىيار تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، قانغا بويالغان قوللىرى بىلەن ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان، قىزغىن، مېھماندوست، ئاددىي- ساددا، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرلارغا قارا چاپلىدى.

  ۋەتەن بىزنىڭ ئانىمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز، ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، بىزنىڭمۇ قىممىتىمىز بولمايتتى. بىز ئوخشاشمىغان مىللەتتىن بولساقمۇ، ئوخشاشمىغان تىلدا سۆزلەشسەكمۇ، ئوخشاشمىغان رايوندا ئولتۇراقلاشقان بولساقمۇ، تۇرمۇش شەكلىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىزدە ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، قەتئىي ۋەتەنپەرۋەرلەردىن بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئورتاق ھەم ئەڭ تۈپ مەيدان ۋە تەلەپ بولۇشى كېرەك. ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداش ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنى قوغدىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» داغ تەگكۈزگەن ئىززەت- ئابرۇيىمىز ۋە ئىناۋىتىمىزنى قايتا تىكلىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىشىمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئائىلىسىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  ھازىر شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار، بىرىنچىدىن، قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىلىدىغان بۇ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، ۋەتەننىڭ ۋە مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى باتۇرانە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن، قىلچە رەھىم قىلماستىن ئۇلارنى قەتئىي پاش قىلىشىمىز، ئۇلارغا رەددىيە بېرىشىمىز ۋە قارشى تۇرۇشىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، پوزىتسىيەدە قىلچە مۈجمەل بولماسلىقىمىز ھەم ئۇلارغا قىلچە يول قويماسلىقىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»نى قانات ئاستىمىزغا تېخىمۇ ئالماسلىقىمىز ۋە ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىدىغانلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. مەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى كادىرلارغا ۋە ئاممىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەيمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ۋە رىشتىلىك رولىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۆمۈربويى كۈرەش قىلىمەن. ئۈچىنچىدىن، قەتئىي ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەمگۈزارى بولىمەن. مەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ناھىيەنىڭ ھاكىمى بولۇپ ئىشلىدىم، مەن پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ۋە دىن سىياسىتىنى پىششىق بىلىمەن، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسىتىنى پىششىق بىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نېمىنى ئويلايدىغانلىقىنى، نېمىگە تەشنا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن. مەن ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە، ئامما ئارىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، يىلدا ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، ئامما بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك تەتقىق قىلىمەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى كۆپرەك تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىمەن؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەلنىڭ رايىغا ياقىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىمەن، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپلەپ ھەل قىلىپ، مەڭگۈ خەلقنىڭ چاكىرى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر