باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىقىنى ئېچىش تېخنىكا خادىملىرى شىنجاڭدا تەربىيەلەندى

2017.08.03 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئىيۇل، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىقىنى ئېچىش تېخنىكا خادىملىرىنى خەلقئارالىق تەربىيەلەش 3-قارارلىق كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تارمىقى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپلىرىدىن كەلگەن 20 كۇرسانت جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قېزىلما بايلىق ساھەسى بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش، ئېچىش ھەمكارلىقى ئەندىزىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  بۇ قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مۇددىتى 20 كۈن بولۇپ، ئارىلىقتا كۆپلىگەن دۆلەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئالاھىدىلىكىگە پىششىق مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ، چەت ئەللىك كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈلىدۇ، دەرس گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش تېخنىكىسى ۋە «مەھسۇلات»نى سىرتقا چىقىرىش تېمىسى زىچ چۆرىدەلگەن ھالدا، چەت ئەللىك كۇرسانتلار زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيەگە ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ كانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى، تەكشۈرۈش، تاللاش، تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىرىشتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  بۇ قارارلىق كۇرسنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەتقىقات مەركىزى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر