باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە تاراتقۇلىرى، كورېيەنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ مۇشۇ ھەپتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.08.03 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاڭ جىڭخې شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 6-،7- ئاۋغۇست فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا بارىدىغانلىقىنى، ھەمدە تۇنجى قېتىم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە سەھنىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى:كاڭ جىنخې 6-ئاۋغۇست كورېيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا ، 7-ئاۋغۇست جۇڭگو، كورېيە، ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يىغىنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون مۇنبىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، ھەمدە جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چاۋشيەننىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لى يوڭخاۋ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون مۇنبىرى، جۇڭگو كورېيە، جۇڭگو ئامېرىكا، ئامېرىكا كورېيە قاتارلىق ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك سۆھبىتىگە قاتنىشىپ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرلىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كاڭ جىڭخې بىلەن لى يوڭخاۋنىڭ ئۇچرىشىش ئۇچراشماسلىقىمۇ سىرتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر