- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارغا يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى
سۆزنىڭ روھىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
2017.08.03 15:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايون 8- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارغا يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى زور سىياسىي، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي قەسەم، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان سىياسىي سەپەرۋەرلىك، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق نەزەرىيەۋى ھالقىش، باش شۇجىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يەنە بىر زور نەتىجىسى بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى مۇھىم سىياسىي ئاساس، ئىدىيەۋى ئاساس ۋە نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.
لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھازىرقى بىرىنچى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سۆزنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشىنىپ، يادرولۇق ئەھمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيەنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى»؛ «پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى پەۋقۇلئاددە بەش يىل»؛ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا نەزەرىيەنىڭ رولىغا جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە ئىشەنچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىش كېرەك»؛ «2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىل كۈرەش نىشانىغا يېتىش پارتىيەمىزنىڭ خەلق، تارىخ ئالدىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى»؛ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئۇقۇملارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا ئىدىيەنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سۆزنىڭ روھىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سۆزنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىش، باش نىشان ئارقىلىق خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا، كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېزا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر