- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەۋەرلىشىش ئالدامچىلىق دىلوسىغا چېتىشلىق 58 گۇماندار ھىندونېزىيەدىن يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى
2017.08.04 13:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە ئەتراپىدا، دۆلەت ھالقىغان خەۋەرلىشىش ئالدامچلىق دىلوسىغا چېتىشلىق 58 گۇماندار سىچۈەن ساقچىلىرىنىڭ تالاپ كېلىشى ئاستىدا، ھىندونېزىيەدىن كەلگەن ئايروپىلاندىن چۈشتى.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مېيشەن شەھىرى خوڭيا ناھىيەسىدە بىر قېتىملىق ئالاھىدە زور خەۋەرلىشىش ئالدامچلىق دىلوسى يۈز بەردى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلى ئالداپ كېتىلدى. دىلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج خ مىنىستىرلىقى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزلىكتە مېيشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، خوڭيا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىن ساقچى كۈچى تەشكىللەپ، «24-ماي» ئالاھىدە زور خەۋەرلىشىش تور ئالدامچلىق دىلوسى مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى ھەم سىچۈەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان دىلو قاتارىغا كىرگۈزۈپ، دىلونى پاش قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى.
رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى چىگرا ئىچىدە تېلېگراف- تور ئالدامچلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىناۋەت كارتىسى، تېلېفون كارتىسىنى ياساپ تەمىنلەيدىغان شايكىنى تېزلىكتە جەزملەشتۈردى ھەمدە 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چېڭدۇ، شيامېن ئىككى جايدا يەتتە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئىناۋەت كارتىسى، تېلېفون كارتىسى ياساش، سېتىش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، دىلوغا چېتىشلىق 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى خەزنىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇپ كەلدى.
بۇ يىل 6-ئاي ۋە 7-ئايدا. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ئاستىدا، مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىككى تۈركۈم قابىل ساقچى كۈچىنى ھىندونېزىيەگە ئەۋەتىپ، چىگرا سىرتىدىكى ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى. مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھىندونېزىيەدىكى مەزگىلدە مۇھىتنىڭ ناچار بولۇشى، تىل ئۇقۇشماسلىق، كېلىماتقا كۆنەلمەسلىك، ئۆرپ-ئادەت ئوخشىماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالدامچىلىق ئۇۋىسىدىن ئىككىنى بېكىتتى.
7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئۇدا جەڭ قىلىش ئارقىلىق بالى ئارىلى، سىشۇي قاتارلىق جايلاردا ئىككى ئالدامچىلىق ئۇۋىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، 68 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، 350تىن ئارتۇق جىنايەت سادىر قىلىش ئۈسكۈنىسىنى قولغا چۈشۈردى. ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى 8-ئاينىڭ 3- كۈنى جىنايەت گۇماندارىدىن 58نى يالاپ دۆلەت ئىچىگە قايتۇرۇپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر