- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پىششىق نېفىت «ئۇدا ئىككىنجى قېتىم ئۆسۈش»نى كۈتۈۋالىدۇ، ھەر بىر توننىسىدا 160 يۈەن ئۆسۈشى مۆلچەرلەندى
2017.08.04 16:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاۋغۇست سائەت 24 دە (مۇشۇ ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى سائەت 0 دە)، پىششىق نېفىت باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى يەنە قوزغىتىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن پىششىق نېفىت ئانالىز قىلىش ئاپپاراتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، خام نېفىتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆزگىرىش نىسبىتى %5.19 بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ماس ئۆسۈش كۆلىمى توننىسىدا 160 يۈەن بولۇشى، ئۆسۈش كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ، 21-ئىيۇل نېفىت باھاسىدا ئۆسۈش بولغاندىن كېيىنكى 2-قېتىملىق ئۆسۈشى ھېسابلىنىدىكەن.
پارچە سېتىش جەھەتتە، بۇ قېتىملىق بېنزىن، دىزېلىن (سالياركا)نىڭ ئۆسۈش كۆلىمى ھەر لىتىرىدا 0.12 يۈەندىن 0.15 يۈەنگىچە بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر