1955-يىلى رەئىس ماۋ زېدوڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئازادلىق ئوردېنىنى لى جېنغا بەردى (ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1955-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەربىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالەمنى لەرزىگە سالغان نۇرغۇن گېنېرال- قوماندانلار ئىچىدە، بىردىنبىر ئايال گېنېرال ئۆزگىچە بىر مەنزىرە بولۇپ قالدى. ئۇ دەل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سابىق ھاۋا مۇداپىيە ئارمىيەسى سىياسىي بۆلۈمى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى جېن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى