شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىدا، ئارتىسلار«مۇقام تەسىراتى»نىڭ ئىككىنچى باب «قەلب ساداسى»نى ئورۇنلىدى. (3- ئاۋغۇست تارتىلغان)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاۋغۇست كەچتە، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇقام تەسىراتى» 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا نامايان قىلىندى. «مۇقام تەسىراتى» قەدىمكى «ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئەسلىدىكى مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئەدەبىيات ۋە تىياتىر قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان سەنئەت ئىپادىلىنىش شەكلى ئۈستىدە، يەنەھازىرقى زامان كۆپ ۋاسىتىلىك لايىھەلەش، سۈرەت ئىجادىيىتى،ئۇسسۇل ۋە سەنئەت قاتارلىق شەكىللەر ئارىلاشتۇرۇلغان، تاماشىبىنلار ئۈچۈن بىر مەيدان يېڭىلىق يارىتىش سەنئەت كاتتا زىياپەت ھازىرىلاپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى