باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت ماركېتىڭ ئىتتىپاقى» رەسمىي قۇرۇلدى

2017.08.07 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاۋغۇست، «شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت ماركېتىڭ ئىتتىپاقى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدا ئېچىلدى، بۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت ماركېتىڭ ئىتتىپاقى»نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  «شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» نامىغا ئىگە مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر بولۇپ، قاراماي، ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. يول بويى تاغ جىلغىسى، يايلاق، كۆل، دەريا قاتارلىق ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىشىلەر بۇ يولنى «ھەر بەش چاقىرىمدا ئوخشىمىغان مەنزىرە، ھەر ئون چاقىرىمدا ئوخشىمىغان كۈننى كۆرگىلى بولىدىغان، بىر كۈن ئىچىدە تۆت پەسىلنى باشتىن كەچۈرگىلى بولىدىغان يول» دەپمۇ تەرىپلىشىدۇ. بۇ يول ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  ئارقىدىن، ئىتتىپاقتىكى ئەزالار مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت ماركېتىڭ ئىتتىپاقى ئىستىراگېيە كېلىشىمىنى بىرلىكتە ئىمزالاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات ئېچىش، پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش، ئومۇمىي سېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئاۋات ساياھەت پەسلى ياكى سۇس ساياھەت پەسلىدىكى شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچى ئېقىم مىقدارىنى تەڭشەپ، شىنجاڭ تاشيول ساياھىتىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «مايتاغ-كۇچا تاشيولى» ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مايتاغ-كۇچا تاشيولى»نى شىنجاڭ تاشيول ساياھىتىدىكى ئۈلگىلىك لىنىيە، كىلاسسىك ساياھەت بايلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تاشيول ساياھىتىنىڭ سۈپىتىنى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تاشيول ساياھىتى قىلىش كۆلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر