باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئاممىسى ئابى شىنزونىڭ خىروشىما ئارىلىدا يادرو پارتلىغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى

2017.08.07 16:19   مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە ئاممىسى ئابى شىنزونىڭ خىروشىما ئارىلىدا يادرو پارتلىغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە خىروشىما شەھىرىنىڭ تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدا، 6-ئاۋغۇست ئاتوم بومبىسى پارتلىغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز ئامما شۇ كۈنى پائالىيەت نەق مەيدانى ئەتراپىغا يىغىلىپ، باش ۋەزىر ئابى شىنزونىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى ھەم ئابى شىنزودىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئېتىرازچى ئامما شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا تىنچلىق خاتىرە باغچىسى ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئابىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇردى ھەمدە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش غەرىزى ۋە ئۇ چېتىلغان كاكى مەكتىپى سەتچىلىكى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈردى. ئۇلار «ئۇرۇشقا ۋە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇمىز»، «ئابى شىنزونى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى» قاتارلىق لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پات-پات «ئابى شىنزو يوقالسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

  ئابى شىنزو شۇ كۈنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىروشىما ۋە ناگاساكىدىكى ئاتوم بومبىسى پارتلاشنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تىلغا ئالمىدى. ئابى شىنزو سۆز قىلغان ۋاقىتتا، يىغىن مەيدانى ئەتراپىدىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئابى شىنزوغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

  ياپونىيە بۈگۈنگىچە ئاتوم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىنغان بىردىنبىر دۆلەت. تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى 1945-يىلى 6- ،ئاۋغۇست ۋە 9- ئاۋغۇست خىروشىما ۋە ناگاساكىغا ئايروپىلاندىن ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. ئۇزاقتىن بېرى، ياپونىيە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يادرو پارتلاشنىڭ «زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى» دەپ تەسۋىرلەپ كەلدى، بىراق ياپونىيە ئاتوم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىنىشتىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالدى.

  2015-يىلى 9-ئايدا ئابى ھۆكۈمىتى يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنى مەجبۇرىي ماقۇللىتىپ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى «مەخسۇس قوغدىنىش» سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىز ئامىللارنى كۆپەيتتى ھەمدە ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىمۇ قارشى سادالار پەيدا بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى