باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى ئەخمەتجان مىنام

2017.08.07 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى زور يېڭى تەدبىرى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىچ ئەگىشىپ، 10 مىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرىنى كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللىدى.

  بىرىنچى، يۇقىرىدىكىلەر تۈرتكە بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدۇق. «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، 10 مىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ماقالە يېزىش ئارقىلىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، قوشماقلاشقان تۇغقانلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، سەلبىي تىپىك دېلولارنى تەھلىل قىلىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ مەزمۇنى، قەدەم- باسقۇچى، تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق.

  ئىككىنچى، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ھەممە يەردە ئېلىپ بېرىشقا كۈچ سەرپ قىلدۇق. 5- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېچىلغان سىن يىغىنىدا يولداش لو دۇڭچۈەن 10 مىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرىنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى؛ 10 نەپەر كادىرلار ۋەكىلى پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى ئىپادىلەپ قەسەم بەردى؛ يىغىندا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 100 شۇجىسى بىرلىشىپ ئىمزا قويغان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر شۇجىلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى)، مۇئاۋىن شۇجىلىرى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئەڭ كۈچلۈك سادانى ياڭراتتى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 16 ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر ئىمزالىق ماقالىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلگەن ئىمزالىق ماقالىدىن 20 نى توپلام قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىشى، پىكىر يۈرگۈزۈشى، ئەمەلدە كۆرسىتىشى ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردۇق.

  ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچىدۇق. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»كە تەتبىقلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالىدۇق. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى بىر تۈركۈم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تېپىپ چىقتۇق ۋە تازىلىدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قاتتىق تۈزەپ، بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلىدۇق.

  كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز:

  بىرىنچى، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» ۋە «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىش تەدبىر- تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  ئىككىنچى، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز. سىياسىي ئىنتىزامنى ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشنى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»سى ۋە «پىكىر»ىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

  ئۈچىنچى، ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى، «قايتا تەكشۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلار ئىستىلىنى تۈپتىن ياخشىلايمىز. «ئون چوڭ تۈزەش»نى يولغا قويۇپ، ناچار ئىستىللارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ قېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، نامراتلارنى يۆلەش ۋە خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىگە، ماددىي بۇيۇملىرىغا قول ئۇزارتقان، مىكرو چىرىكلىكنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، سىياسىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن دېلولارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز.

  تۆتىنچى، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە تونۇش ئەمەلىيلەشمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمەسلىك، خىزمەت ئەمەلىيلەشمەسلىك تۈپەيلىدىن مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىمىز. سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلمىگەن، مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلمىگەن بولسا، مەسئۇلىيەتنى قايتا سۈرۈشتۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر