- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتىنى قىيىنچىلىققا يولۇقتۇرماقتا
2017.08.07 16:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
4-ئاۋغۇست ئەنگىلىيە باش مۇدىرلار جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ ئەنگلىيە كارخانىلىرىغا بولغان زەربىسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىزدىن بىردەك پىكىرگە كېلىپ، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئۆتكۈنچى كېلىشىمىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى مۇراجەت قىلدى. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ بايانات نۆۋەتتىكى ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتى قىيىنچىلىققا يولۇققان ئەھۋالدا ئەنگلىيە سودا ساھەسىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ھازىرغىچە ئەنگلىيە بىلەن ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىككى نۆۋەت سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىشلىرى بويىچە باش سۆھبەت ئەمەلدارى بانېي يېقىندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئايرىلىش ھەققى، كۆچمەنلەر ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ يەنىلا مەۋجۇت، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت كىچىكىشى مۇمكىن، سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىغا يەنىلا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپلىك مالىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى، ھازىرقى كۆچمەنلەر ھوقۇقىنى قوغداش، شىمالىي ئىرلاندىيەنىڭ چىگرا مەسىلىسى كېلىشىمىدە ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئەنگلىيە بىلەن سودا ياكى كەلگۈسى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە كېڭەشمەيدۇ. دېمەك، ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇساپىسى ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماقتا.
1903-يىلى قۇرۇلغان ئەنگلىيە باش مۇدىرلار جەمئىيىتى ئەنگلىيەدىكى خىزمەت مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن كەسپى سودا ساھەسى ئاپپاراتى، ئاساسلىقى كارخانىلارنىڭ ئىقتىساد سودا پائالىيىتىگە تىرىشىپ تۈرۈتكە بولۇۋاتىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت تۈزۈشىنى پايدىلىنىش تەكلىپى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. باياناتتا ئەنگلىيە باش مۇدىرلار جەمئىيىتى مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەتنىڭ 2019-يىلى 3-ئايدىن ئىلگىرى ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبەت مەزمۇنىنى قەرەلىدە تاماملاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھىيىتى كىچىك. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ياۋرۇپا ۋە سودا سىياسىتى مەسئۇلى لېينىس ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئەنگلىيە ئىككى يىل ئىچىدە ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلالمايدۇ. شۇڭا سودا ساھەسى ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان زەربىسىنى ئازايتىش ئۈچۈن كابىنىت ۋەزىرلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەنگلىيە باش مۇدىرلار جەمئىيىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ھاڭ لىۋىدە مىڭىشنى توختىتىپ، توغرا ئۇسۇل قوللىنىپ، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئىمكان قەدەر بىر يۈرۈش ئۆتكۈنچى كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى مۇراجەت قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا: لوندۇن پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدىكى كۆپلىگەن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىر تۈرلۈك ئۆتكۈنچى كېلىشىم ئەنگلىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئالاقىدار كەسپى مۇلازىمىتىگە ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ زۆرۈر بولغان ئالدىن ئىتتىبار بېرىدىغان نۇقتا،دېدى.
ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەندىشىمۇ كەنسكىنلەشمەكتە. باش ۋەزىر تىرىسسا ماي مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ مەغلۇبىيەتكە يولۇقتى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بېسىم داۋاملىق زورايدى، لىبورىسلار پارتىيىسى قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئىغزاكى ۋە يازما تەنقىد قىلدى ھەمدە كۈچىنىڭ بارىچە تەنقىد قىلدى، كونسىرىۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇنىڭدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى مۇراجەت قىلىش سادالىرىمۇ كۈنسايىن كۈچەيدى. كونسىرىۋاتىپلار پارتىيىسى بۇ يىل 10-ئايدا يىللىق يىغىن ئاچىدۇ، تىرىسسا ماينىڭ بېسىمى تېخىمۇ زورىيىدۇ.
كونسىرىۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆچمەنلەر ئەركىنلىكى ۋە ياۋرۇپا ئورتاق بازىرىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش ياكى چىقماسلىق قاتارلىق زور قارالمىلاردىمۇ غايەت زور ئىختىلاپ بار. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: مالىيە ۋەزىرى خامونىد ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر تۈرلۈك توقۇنۇشنى پەسەيتىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۆتكۈنچى باسقۇچ تەسىس قىلىپ، ياۋرۇپادىن قاتتىق ئايرىلىشتىن پەيدا بولىدىغان ئىنىقسىز ئامىلنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىياننى تۆۋەنلىتىشنى قوللىدى ۋە بۇنى پىلانلىدى. بىراق خامونىدنىڭ مەيدانى ياۋرۇپادىن قاتتىق ئايرىلىش گۇرۇھى زادلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا سودا ۋەزىرى فۇكىس خامونىدنىڭ تەكلىپى ئەنگلىيەنىڭ چىگرا تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ ئەيىپلىدى.شۇڭا ئەنگلىيە باش مۇدىرلار جەمئىيىتى بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئۆتكۈنچى كېلىشىمىگە قارىتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پىكىر بىردەك بولمىدى.
ئەنگلىيە ئەركىن دىموكىراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كەبول مۇنداق دېدى:بۇنىڭدىن ھۆكۈمەت كابىنتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئارازلىقنىڭ رۆشەنلىشىۋاتقانلىقىنى ، ياۋرۇپا ئەللىرىدىن ئايرىلىش سۆھبىتىدە كونسىرىۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆرەشنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قىيىنچىلىق ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماستىن ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭغا قارىتا بانىيې ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش شەرتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ياكى قىلالماسلىقى ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە جۈملىدىن پات ئارىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كونسىرىۋاتىپلار پارتىيىسى يىغىنى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قانۇنىنىڭ ئورنىنى ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى قانۇنى بولغان چوڭ بىكار قىلىش قانۇن لايىھىسى ئېلىشنىڭ ئەنگلىيە پارلامىنتىدا ماقۇلىنىش ياكى ماقۇللانماسلىقىغا باغلىق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر