باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى قارارى توغرىسىدا توختالدى

ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ «قوش ۋاقىتلىق توختىتىش»نى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

2017.08.07 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ بىر قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا، تەكلىپكە بىنائەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىردەك ماقۇللىغان چاۋشىيەنگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى قارار توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: يېڭى قاراردا ئىككى مۇھىم مەزمۇن بار، بىرىنچىسى چاۋشيەننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، توختىماي باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىغا قارىتا زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، چاۋشيەننىڭ يادرو بومبىسىنى تەتقىق قىلىش-ياساش قەدىمى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چەكلەندى. ئىككىنچىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا ئېچىش مۇراجىئەت قىلىنىپ، يېرىم ئارال يادرو مەسىلىسىنى تېنچ بىر تەرەپ قىلىش، بولۇپمۇ ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىش تەكىتلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر