باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى تۈزۈش تالاش-تارتىش ئىچىدە ئېلىپ بېرىلماقتا

2017.08.07 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئالىملىرى تۈزگەن ئىنسان تۆرەلمە گېنى 27-ئىيۇل دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىگە بېرىلگەن پەن-تېخنىكا خەۋىرىگە ئايلاندى. بۇندىن بۇرۇن، جۇڭگو ئالىملىرىمۇ مۇشۇنداق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان، ئەنگلىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسىمۇ ئاكتىپ بولغان. بۇ ئىلگىرىلەشلەر گەرچە بۇنىڭدا غايەت زور ئەخلاق تالاش-تارتىشى بار بولسىمۇ، لېكىن ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى تۈزۈش تەتقىقاتىنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  گېن تۈزۈش-ئالاھىدە گېنلار ئىچىگە DNA يەنى ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسىنىڭ پارچىسىنى كىرگۈزۈش، چىقىرىپ تاشلاش ياكى ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «گېن قايچىسى» دەپ ئاتالغان كىرىسپىر تېخنىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن دۇنيادا گېن تۈزۈش تەتقىقاتىنىڭ قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتنى ئامېرىكا ئورېگون سەھىيە ئىلىمى ئۇنىۋېرسىتېتى شۆھرەت مۇتەللىپوۋ تەجرىبىخانىسى قانات يايدۇرغان بولۇپ، جەمەت ئىرسىيىتىنىڭ كېسەل پەيدا قىلىدىغان گېنىنى تۈپتىش يوقىتىش ياكى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇ جەھەتتىكى ئىلمىي ماقالە تېخى ئېلان قىلىنمىغانلىقتىن، شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ تەتقىقات تەپسىلاتى سىرتقا ئاشكارىلانمىدى. لېكىن بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن خەۋەر قىلغان ئامېرىكىدىكى «ماسسا-چۇستېس سانائەت، تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىنىڭ تېخنىكا باھاسى»دا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى خىزمەت-كىرىسپىر تۈزۈش تېخنىكىسىدا مەۋجۇت بولغان نىشاندىن چەتنەپ كېتىش ۋە سېلىشتىن ئىبارەت ئىككى مەسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ئىككى نۇقتا دەل كىلىنىكىدا قوللىنىش جەريانىدا، ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق تېخنىكا توسىقى ھېسابلىنىدۇ.

  ئالىملارنىڭ «گېن قايچىسى»دىن پايدىلىنىپ، ئىنسان تۆرەلمىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىشى 2015-يىلى باشلانغان. جۇڭگو جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى خۇاڭ جۈنجيۇ ئۆمىكى ئەينى چاغدا دوكلات ئېلان قىلىپ، بىز ئىنسان تۆرەلمىسىدىكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قان كەملىك كېسىلى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر گېنغا دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تۈزىتىش كىرگۈزدۇق دېگەن.

  لېكىن ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى تۈزۈش تەتقىقاتىدا ئەخلاق تالاش-تارتىشى مەۋجۇت، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى ئەينى چاغدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن ئىنسان تۆرەلمىسىدە ھەر قانداق گېن تۈزۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى قوللىمايمىز دەپ قايتا تەكىتلىگەن.

  بۇ خىل ئەھۋالدا، گېن تۈزۈش تەتقىقاتىدا قائىدە تۈزۈش تېزدىن كۈنتەرتىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. 2015-يىلى 12-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەتلىك مېدىتسىنا ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ۋاشىنگتوندا ئىنسان گېنىنى تۈزۈش باشلىقلار يىغىنى ئاچتى. ھەر قايسى تەرەپلەر يىغىندا ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتىغا رۇخسەت قىلدى، ئەمما تەكىتلەپ، ھازىر بۇ تېخنىكىنى كىلىنىكىدا قوللىنىش ئۇسۇلى مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ كۆرسەتتى. بۇ-خەلقئارادا گېن تۈزۈش تەتقىقاتىدا تۇنجى بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقنىڭ بېكىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇندىن كېيىن، جۇڭگو ئالىملىرى يەنە ئىككى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى تۈزۈش تەتقىقاتىنى دوكلات قىلدى، ئەنگلىيەمۇ تۇنجى قېتىم بىر تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ كىرىسپىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسان تۆرەلمىسىنى تۈزۈشىنى تەستىقلىدى.

  بۇ ئىلگىرىلەشلەر تۆرەلمىدە گېن تۈزۈشنى تەتقىق قىلىشنىڭ توسۇۋالغىلى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئامېرىكا سېكرىپىس ئۆزلەشتۈرۈش ئىلىمى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېرىك توپول ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ باھاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا بۇنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، باشقا دۆلەتلەر ئوخشاشلا قىلىۋېرىدۇ» دېدى. ئۇ گەرچە ھازىر ئامېرىكا گېنى تۈزۈلگەن ھۈجەيرە بىلەن كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا نۇرغۇن سىناقلارنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ساقايتىش ئۈنۈمىگە يېتىشتە، يەنىلا تۆرەلمە باسقۇچىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىدى.

  يەنە نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر بۇ جەھەتتە ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېن ئۆتكۈزۈش تېخنىكا مۇتەخەسسىسى سىمون ۋاددىڭتون بىر باياناتىدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ گېن ئىقتىدارىنى يەنىلا تولۇق بىلمەيمىز، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات بىلەن نۇرغۇن گېنلارنى تۈزۈپ چىقمىساق، بىز بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرىپىدە زىيان-زەخمەتنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقان-ياتمىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز دېدى.

  نەزەرىيە جەھەتتە، گېن تۈزۈش ئارقىلىق ئالاھىدە ئىرسىيەتلىك خۇسۇسىيەتنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئارقىلىق، تۆرەلمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىرسىي كېسەللىكنى تۈگىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە فىزىيولوگىيە جەھەتتىكى تۈرلۈك كىچىك نۇقسانلارنىمۇ ئۆزگەرتكىلى، ھەتتا تاشقى قىياپەتنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئاتا-ئانىلارغا قانداق بالا تۇغۇشنى زاكاز قىلدۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل لايىھەلەنگەن بوۋاقلارنى نۇرغۇن كىشىلەر ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان پاسىل دەپ قارىدى.

  تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى تۈزۈشكە بولغان پايدا-زىيان تونۇشى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى، خەلقئارادىكى قارشى تۇرۇش سادالىرىمۇ بارغانسېرى پەسىيىشى مۇمكىن. بۇ يىل 2-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن دۆلەتلىك مېدىتسىنا ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەرتى ئاستىدا، كەلگۈسىدە دەسلەپكى تۆرەلمنىڭ گېنىنى تۈزۈش كىلىنىكا سىنىقىغا رۇخسەت قىلىنىشى مۇمكىن، بىراق بۇ پەقەت ئېغىر كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ۋە داۋالاشتىلا ئىشىلىتىلىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.

  خۇددى ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پىروفېسسورى، بىيوئېتىكا ئالىمى ھانك گىرىل ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېيتقاندەك، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا-تۈزۈپ بولۇنغان تۆرەلمىنى بالىياتقۇغا كىرگۈزمەكچى بولغان ھېچقانداق ئادەمنىڭ بولمىغانلىقىدا، كۆچۈرۈلگەن تەتقىقات تىپىدىكى تۆرەلمە بولمىسىلا، ھېچقانداق چوڭ ئىش چىقمايدۇ.

  ھازىرقى باسقۇچقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گېن تۈزۈش تېخنىكىسى يەنىلا تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خەتىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ئەخلاق مەسىلىسىگىمۇ ئەستايىدىل، كەسكىن مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر. ئەنگلىيە گاي ۋە سان توماس خەلق ساغلاملىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ كىلىنىكا ئىرسىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى فىرانسىس فىلىنت بىر باياناتىدا، ئېغىر ئىرسىي كېسەللىكلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئىرسىيەت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانماقچى بولغان ئاشۇ ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پىشىپ يېتىلىپ بولغان ئورنىنى ئېلىش لايىھەسىنى قوللىنىش، جۈملىدىن تۇغۇتتىن بۇرۇن دىياگنوز قويۇش ۋە تۆرەلمە كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ئىرسىي دىياگنوز قويۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر