باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشىدىكى بىر كادىر ئۈندىدار توپىدا قىزىل بولاق تەلەپ قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى

2017.08.07 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان خەۋەردە، تاراتقۇلارنىڭ شەنشى سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرنىڭ ئۈندىداردا قىزىل بولاق تەلەپ قىلغان بۇ ئىشىغا بولغان ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇردى.

  قايتۇرغان جاۋاپتا مۇنداق دېيىلدى:دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىشىچە، 23- ئىيۇن كەچ، سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى شىڭ يەنجۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۆزى قۇرغان ئۈندىدار توپىدا كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى تەلەپ قىلغان، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شىڭ يەنجۈننىڭ ئۈندىدار توپىدىكىلەرنىڭ قىزىل بولاقلىرىنى ئېلىش ئەھۋالى ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپئۈندىدار توپىسىدىكىلەرنىڭ 58 بولاپ يەنە 500.3 يۈەن ئالغان. دەسلەپكى ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسەن، سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە كادىرلار تارماقلىرىنى شىڭ يەنجۈن بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۈندىداردا ئالغان قىزىل بولاقنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شىڭ يەنجۈن تەشكىلنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇنىڭ ئۈندىدار توپىدىكى دوستلىرىغا ناماقۇل بولۇپ، ئۇلاردىن ئالغان قىزىل بولاقنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە 6- ئىيۇل تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسى يىغىندا ئۆزىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.

  تونۇشتۇرۇشىچە، سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بۇ ئىشقا قارىتا يەنە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا، مەسىلىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر