باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

گوۋۇيۈەننىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى ياخشى سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار بولايلى

2017.08.08 11:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گوۋۇيۈەننىڭ ‹قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا 682- نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، «گوۋۇيۈەننىڭ ‹قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى. «قارار»دا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نىزامغا قارىتا ئاساسلىق قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: بىرىنچىسى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىش تۈرلىرى ۋە تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش. ئىككىنچىسى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچىسى، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش.

  10 تارماق بىرلىشىپ ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلدى

  8- ئاينىڭ 2- كۈنى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 10 تارماق بىرلىكتە «ئالاقە تورىدا ۋېلىسىپىت ئىجارە بېرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە «يېتەكچى پىكىر» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، «يېتەكچى پىكىر»دە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار توردىكىلەرنى ۋە ئەنئەنىۋىي مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئابونتلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشلىتىشىگە قارىتا راست ئىسىم تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ھەمدە مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزۈپ، ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاپ، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خېرىدارلار ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش، 12 ياشقا توشمىغان بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەنئى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  2020- يىلى مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %95تىن ئاشۇرۇلىدۇ

  ئالدىنقى كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان «2- قارارلىق ئالاھىدە مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش پىلانى (2017-2020)»دا، 2020- يىلىغا بارغاندا، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇرۇش، غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىش، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ 2020- يىلىغا بارغاندا، شەھەر (ۋىلايەت) ۋە نوپۇسى 300 مىڭدىن ئاشقان، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر كۆپرەك ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ھەممىسىدە بىردىن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى بار بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش لازىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2017ـ يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش، ھەقلىق دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللەشنى چەكلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دەرس تولۇقلاش ئەھۋالىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دەرس تولۇقلاش ئەھۋالىغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قائىدە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلارنى قارىغۇلارچە بالىلارنى ھەر خىل تەكرارلاش سىنىپلىرىغا تىزىملاتماسلىققا يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا پائالىيەت مەزمۇنى ۋە پائالىيەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقە تورىدا ئىئانە ئۇچۇر سۇپىسىغا ئائىت ئىككى تۈرلۈك ساھە ئۆلچىمى چىقاردى

  يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى «خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقە تورىدا ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇچۇر سۇپىلىرىنىڭ ئاساسىي تېخنىكا قائىدىسى» ۋە «خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقە تورىدا ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇچۇر سۇپىلىرىنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك تەۋسىيە خاراكتېرىدىكى ساھە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. بۇ بەلگىلىمىلەر 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئىككى تۈرلۈك ساھە ئۆلچىمىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تور سۇپىلىرىدا ئىئانە توپلاشنىڭ سۇبيېكتى چوقۇم ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بولۇشى كېرەك، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ شۇنداقلا باشقا خاراكتېردىكى سۇپىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتى بولمايدۇ. سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن سۇپىلار ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر