باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى دەرياسىنىڭ مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەللەشمەكتە

2017.08.07 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدى بىلەن دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ھازىر كۆپ تارماقلار بىرلىشىپ، جەمئىيەت كەڭ دائىرىدە قاتنىشىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، ئىلگىرى مەينەت، پاسكىنا بولۇپ كەتكەن ئىلى دەرياسىنىڭ دەريا يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۈيىنى تېخىمۇ پاكىزلاپ، قىرغاقلىرىنى يېشىللىق بىلەن قاپلاپ، گۈزەل مەنزىرە بەرپا قىلماقتا.

  غەربكە قاراپ ئاقىدىغان ئىلى دەرياسى شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ دەريانىڭ بىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۆت مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى. ئىلى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىلى دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى-شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئارام ئالىدىغان، سەيلە قىلىدىغان ئېسىل جاي، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى يې شىيىڭ مۇنداق دېدى: بىز يېقىن ئەتراپتىلا تۇرىمىز، دائىم دەريا بويىغا كېلىپ سەيلە قىلىمىز، سالقىندايمىز، بالىلىرىمىز سۇغا چۆمۈلىدۇ، قۇم ئوينايدۇ، ساۋاقداشلار، ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ، بىز ئۇلارنى باشلاپ سەيلە قىلدۇرىمىز. ئىلگىرى ئىلى دەرياسىنىڭ بويىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر قاپلاپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا توختىماي ئۆزگىرىۋاتىدۇ، مەنزىرە يولى قاتارلىق بارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ناھايىتى ياخشى ياسالدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئىلى ئوبلاستى شىنجاڭ بويىچە ئالدى بىلەن دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاساسلىق رەھبەرلەر ۋە 22 ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقتىن تەشكىللەنگەن ئوبلاست، ناھىيە دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئوبلاست، ناھىيە-شەھەر، يېزا-بازار، كەنت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، 160 تىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك دەريا باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ھەم نۇرغۇن تازىلىق باشقۇرغۇچى، جەمئىيەت پىدائىيسىنى تەكلىپ قىلىپ، دەرىجە، بۆلەك بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇردى.

  چاپچال ناھىيەسى چۇقۇر يېزىسىنىڭ تازىلىق باشقۇرغۇچىسى قادىرجان ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى بىر مەنزىرىگاھنىڭ ئەخلەتلىرىنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھەر كۈنى ئەخلەتلەرنى تېرىپ، پاكىز تازىلايمىز، ساياھەتچىلەر كەلسە، ئۇلارغا قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماڭلار، قالايمىقان ئوت ياقماڭلار دەيمىز، ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى، ئەخلەتلەرمۇ قالمىدى.

  چاپچال ناھىيەسى چۇقۇر يېزىسىنىڭ باشلىقى ۋېن شىن ئىلى دەرياسى چۇقۇر بۆلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندىن تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دەريا بۆلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشكە قاراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دەريا باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دەريانى، قايتا ئۆسكەن ئورمانلارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بار بولدى، دەرياغا، نەملىك باغچىسىغا سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قانۇنسىز شېغىل قېزىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئازايدى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، بولۇپمۇ دەريانىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئىلى ئوبلاستى «بىر دەرياغا بىر سىياسەت» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىلى دەرياسى ۋە يۇقىرىقى ئېقىمدىكى تارماق دەريالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلى دەريا جىلغىسىدىكى 293 ئېقىن ھەم نەملىك، كۆل، سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭلەرنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ ساھىلىنىڭ قىرغاقلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش، سۇ بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئوڭشاش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى 56 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئىلى دەرياسىنىڭ پۈتۈن ۋادىسىغا كېڭەيتتى. ئىلى ئوبلاستى دەريا باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئىلى ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ بىن مۇنداق دېدى: دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ سۇ بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىشىمىزغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساس بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئىلىنىڭ دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كېڭەيتتۇق. بىز دەريانى قوغداپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەملىك، كۆل، سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭلەرنىمۇ قوغداشنى كۈچەيتتۇق، ھازىر بۇ ئۇللۇق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەۋاتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر