باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2017.08.08 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 8- ئاينىڭ 8- كۈنى دۆلىتىمىز 9- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

  مۇقەددەس زېمىنغا نەزەر سالساق، بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى، يۈگۈرەش لاگىرلىرى كۈنسېرى زورايدى، مەيدان ئۇسسۇلى ئومۇملاشتى، تىك-تاك توپ، پەي توپ، سۇ ئۈزۈش، تاغقا يامىشىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى قارشى ئېلىندى..... ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان كىشىلەر توپى ئومۇمىي خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قۇدرەتلىك جەلىپ قىلىش كۈچىنى دەلىللىدى، قىزغىنلىققا چۆمگەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تۇرمۇشقا سىڭىپ كەتكەن جەڭگىۋار دەۋر قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.

  ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خەلقنىڭ بەختى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەنتەربىيە-تەنھەرىكەت خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، تەنتەربىيە-تەنھەرىكەت ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى دۆلەت ئىستىراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېىنقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  تۈمەنمىڭ ئائىلە نەپ ئالغان ئاممىۋى قىزىقىشتىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگىچە، «تەنھەرىكەت تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ» دېگەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك كەيپىياتقا ئايلاندى.

  ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

  بۇ يىل 7- ئاينىڭ 5- كۈنى گېرمانىيە ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كۆرۈش سەھنىسىدە باش شۇجى خۇش تەبەسسۇم ئىلكىدە يېشىل مەيداندا جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ياش-ئۆسمۈر پۇتبۇلچىلىرىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۆردى.

  ئۈچ يىل ئىلگىرىكى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى مۇشۇ يەردە باش شۇجى شەنشى جىدەن ناھىيەلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن گېرمانىيە ۋولسبورگ پۇتبۇل كۇلۇبى ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەنىدى. باش شۇجىنىڭ «سىلەردىن، سىلەر بىر ئەۋلادتىن ئۈمىدىم زور» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئۆسمۈرلەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.

  ئۈچ يىل ئىچىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە پۇتبۇلچى ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىلەن كۆرۈشتى، جىدەن ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ كاپىتانى شۈ جىيۈ : «شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەم تىرىشىپ ئۆگىنىش ھەم پۇتبۇلنى تاشلاپ قويماسلىققا ئىرادە باغلىغانىدىم»، دېدى.

  باش شۇجى ئۆسمۈرلەرنى پۇتبۇل ئارزۇسى يولىغا باشلىدى، جىدەن پۇتبۇلچىلىقى جۇڭگوغا تونۇلدى. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، جىدەن پۇتبۇلچىلىقىنىڭ تونۇلۇشى پۇتبۇل ھەرىكىتىنىڭ مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە، يېزا-كەنتلەردە ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن چېىنقتۇرۇشنى قىزغىن سۆيۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىش، بەدەن چېىنقتۇرۇشقا ھۆرمەت بىلەن قاراشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر