باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مۇقام ناۋاسى»دا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ سېھرى كۈچى نامايان قىلىندى

2017.08.07 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «مۇقام ناۋاسى» شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسدا قويۇلۇپ، خەلقئارا سەھنىدە مۇقامنىڭ سېھرىي كۈچى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى تەييارلىغان تۆت پەردىلىك «مۇقام ناۋاسى» چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە، تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى بىر بەرنا يىگىت بىلەن شوخ قىز ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ، شېرىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمىدۇ. سىرلىق مۇقام كۈيلىرى ئۇلارنىڭ رىشتىنى بىر- بىرىگە ھەمكەم باغلايدۇ. بۇنىڭدا ھەم ۋەقەلىك، ھەم مۇھەببەت، ھەم گۈزەل ناخشا-مۇزىكا ۋە مول مەدەنىيەت بايلىقى بار بولۇپ، ۋەقەلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ۋە يەرلىك مۇقاملار ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  كېچىلىكتە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى سەنئىتى بىلەن كۆپ ۋاسىتىلىك زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئالاھىدە سەھنە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن. ئارتىسلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل كىيىملىرى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنداش ماھارەتلىرى كىشىلەرنى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈردى. مىللىي سازلار ئوركېستىرنىڭ جاز مۇزىكىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ نەق مەيداندا ئورۇندىلىپ، تاماشىبىنلارنى نەق مەيداندىكى مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا، سەھنە دېكوراتسىيەسىدە قاتتىق بىلەن يۇمشاق بىرلەشتۈرۈلگەن سايە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنپ تاماشىبىنلارنى شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى تېخىمۇ يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.

  مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇقام ناۋاسى»دا «ئون ئىككى مۇقام»، «دولان مۇقامى»، «تۇرپان مۇقامى»، «قۇمۇل مۇقامى»، «ئىلى مۇقامى» قاتارلىق مۇقاملار ئورۇندىلىپ، ھەر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى.

  ئۇقۇشۇمچە، بۇرۇن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى پەقەت ئۇستاز بىلەن شاگىرت مۇناسىۋىتى بىلەن توي-تۆكۈن، مەشرەپلىرىمىزدە ئېيتىلىپ داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بەزى مۇقاملار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، ئون ئىككى مۇقام رەتلىنىپ، 1951-، 1954-يىلى لېنتىغا ئېلىندى. 1978-يىلى شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىدە مۇقام ئورۇنلاش، مۇقام ئېيتىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. 1981-يىلى مەدەنىيەت نازارىتىدە مۇقام رەتلەش ئىشخانىسى قۇرۇلدى. 1989-يىلى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى قۇرۇلدى، 1990-يىلى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە 12 كىتاب نەشردىن چىقتى. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەردىن مۇقامنى بىلىدىغان، مۇقامنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىلەرنىڭ تىرىشىشى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى 2005-يىلى ب د ت پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن 3–تۈركۈمدىكى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 1996-يىلىدىن باشلاپ ئىككى قارار مۇقام سىنىپى ئىچىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلدى. مۇشۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى چوڭ تىپتىكى مۇقام كېچىلىكلىرىدىن «چەبىيات مۇقامى»، «ئۆزھال مۇقامى»، «ئوشاق مۇقامى» ئاساسىدا ئىشلەنگەن «مۇقام باھارى»، «مۇقام ناۋاسى» قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۆت مەيدان چوڭ كۆلەملىك سەنئەت كېچىلىكىنى روياپقا چىقىرىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تونۇتتى . «مۇقام ناۋاسى» سەنئەت كېچىلىكى بۇلتۇر 5-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا باھار مۇزىكا كېچىلىكىگە ۋە 8-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆرىكىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. بۇ يىل مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇقام ناۋاسى» قايتىدىن رەپىتىس قىلىنىپ، ئۇسسۇل بايرىمىدىن ئىبارەت خەلقئارا سەھنىدە تاماشىبىنلارغا يەنە بىر قېتىم يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى گۈزەل مۇقام كۈيلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ باشلىقى داۋۇت مامۇت مۇنداق دېدى: مۇقام — ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز. بۇ كېچىلىكتە مۇقامنىڭ ئەنئەنىۋى جەۋھىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ھازىرقى زامان كۆپ ۋاسىتىلىك لايىھەلەش، ئۆزگىچە سۈرەت ئىجادىيىتى، چىراغ، سەھنە، گۈزەل-سەنئەت لايىھەلەش ئارقىلىق ھازىرقى دەۋر ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەندى. بۇ كېچىلىكتە مۇقام قەدىمىي سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىلدى. كېچىلىككە داڭلىق كومپوزىتور نۇسرەت ۋاجىدىن رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى چالغۇ مۇزىكا ئىجادىيىتىنى، زامانىۋى چالغۇ، مۇزىكا ئەترىتى تېخىمۇ تولۇقلاپ، ئاۋاز تۈسى جۇشقۇن، تېخىمۇ رەڭدار ئىپادىلەندى. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىنىپلا قالماستىن، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەرنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى تېخىمۇ نامايان قىلىندى.

  تاماشىبىن ئابدۇكىرىم مۇسا مۇنداق دېدى: كېچىلىك مۇقام سەنئىتىنىڭ ئەڭ نادىر جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپتۇ، ناھايىتى ئېسىل. مۇزىكا، ئۇسسۇل، مۇقام ئېيتىش قاتارلىق ئورۇنداش سەنئىتىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە نامايان قىلىنىپتۇ. ئون نەچچە كۈندىن بۇيان شىنجاڭلىقلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار ئورۇندىغان ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈپ ھوزۇرلانغان ئىدۇق، ئۇسسۇل بايرىمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا «مۇقام ناۋاسى»دىن ئىبارەت نادىر كىلاسسىك ئەسەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتۇق، بۇ كېچىلىك كىشىلەرگە خۇشاللىق ھەم گۈزەللىك ئاتا قىلدى.

  __ بىزنىڭ سەنئەتلىرىمىز تەرەققىي قىلدى، لېكىن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئەنئەنىۋى سەنئىتىمىزگە بولغان تونۇشنىڭ يۈزەكى بولۇشى سەۋەبلىك، سەنئىتىمىزدە چەتنەشمۇ ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا بىز جۇڭگو سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى كۆرۈپ بېقىشىمىز، چۈشىنىپ بېقىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە كېچىلىكنىڭ باش رېژسسورى ئۇستازىمىز نۇسرەت ۋاجىدىننىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇسسۇللارنىڭ ئىشلىنىشىدىن ۋەقەلىككىچە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تۇتتۇق. كېچىلىكتە ئوغۇللارنىڭ ئۇسسۇلى جەڭگىۋار، مەردانە، قىزلارنىڭ ئۇسسۇللىرى ئىنتايىن نەپىس، ئېسىلزادە ئورۇندالدى. تۇرمۇش مەدەنىيىتى، ئوردا مەدەنىيىتى ۋە يەرلىك مۇقاملارنى ئۆزئارا جىپىسلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، گۈزەل، خاتىرجەم تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردۇق، دېدى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇل رېژسسورى ئابدۇغىنى ئابدۇرازاق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر