باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشى

2017.08.08 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېغىشلىمىسى يېزىلغان تاختا، تاختا تەگلىكى قاتارلىق خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلدى.تەبىرىك تاختىسى ناھايىتى كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىمىسى شۇنىڭدەك موڭغۇلچە تەرجىمىسى تاختىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىدى. بۇ تاختىنىڭ رامكىسىغا 70 لەرزان بۇلۇت قاپارتما نەقىش قىلىپ تۇتۇلغان بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىگە ۋەكىللىك قىلىنغانىدى، ئوتتۇرا قىسمى قىزىل رەڭ بولۇپ، تۇتۇق سېرىق سىزىقلار قۇدلۇق بولۇش، بەختلىك بولۇش ۋە ئەبەدىيلىككە سىمۋول قىلىنغانىدى.

  خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا، يۈجېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جىخېڭ بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېغىشلىمىسى يېزىلغان تەبرىك تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر