باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈندىدار مەزمۇنىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئېلان قىلىندى، «ئېقىم» ۋە «ئىستېمال كۈچى»نىڭ ئارىلىقى يېقىنلاشتۇرۇلدى

ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ماقالە ئارىلىقىغا ئېلان قىستۇرۇشنى سىناق قىلدى

2017.08.08 11:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزاق ئۆتمەي، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدىكى ياقتۇرغان ماقالىلەرنى ئوقۇماقچى بولغان ئابونتلار ئۆزىنىڭ «دىققىتى» ئۈچۈن پۇل تۆلىشى مۇمكىن. تۈنۈگۈن, ئۈندىدار تەرەپ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنىڭ ماقالە ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىچكى جەھەتتە سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى. نۇرغۇن ئادەم ۋە ئېقىم مىقدارى يىغىلغان چوڭ جامائەت نومۇرلىرى مەزمۇنلارنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش يېڭى يولىنى كۈتۈۋالماقچى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، جامائەت نومۇرلىرىنىڭ ماقالە ئارىلىقىغا ئېلان قىستۇرۇش ئىقتىدارى ئاساسلىقى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئىچكى جەھەتتە سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان جامائەت نومۇرىنى يۈرۈشتۈرگۈچى تەرەپ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنىڭ «ئېقىم باشقۇرۇش» ئىقتىدارى ئىچىدىكى «مەلۇمات باشقۇرۇش» تۈرىدە «ماقالە ئارىلىقىدىكى ئېلان» دېگەن كۇنۇپكىنى ئېچىش ياكى تاقىۋېتىشنى تاللىسا بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ماقالە ئارىلىقىدىكى ئېلاننى چەككەندىن كېيىن، مۇناسىپ كىچىك ئەپ بېتىگە ئاتلاپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئوقۇرمەنلەر بىۋاستە تاۋار سېتىۋالسا بولىدۇ.

  ئاپتورلار جامائەت سۇپىسىدىكى ماقالىلەرنى تەھرىرلىگەندە، ئوڭ تەرەپتىكى مېدىيەلەر جەدۋىلى ئىچىدىن «ئېلان» دېگەن تۈرنى تاللىسىلا ماقالە ئارىلىقىغا ئېلان قىستۇرالايدۇ. ئاپتورلار يەنە ئۆز ماقالىسىگە ئېلان قىستۇرىدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرىنى تاللىيالايدۇ، كىيىم-كېچەك، سومكا-چامادان، ئۈنچە-مەرۋايىت، قول سائىتى، دالا ھەرىكىتى، تېرە ئاسراش-رەڭلىك گىرىم، ساياھەت، مائارىپ-تەربىيەلەش قاتارلىق 30دىن ئارتۇق تۈرنى تاللاشقا بولىدۇ.

  بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جامائەت نومۇرى ئاپتورلىرى ئۆزى ئېرىشكەن ئېلان مەنبەسىنى ئۆزلىرى جامائەت نومۇرى ئىچىدە ماقالە، رەسىم شەكلىدە قىستۇرۇشى كېرەك، ئېلان ئىگىسى بىلەن جامائەت نومۇرى ئوتتۇرىسىدىكى بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇشنىمۇ ھەم ئايرىم ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۈندىدار ئورگان تەرەپتىن كىرگۈزۈلگەن ماقالە ئارىلىقىدىكى ئېلاننىڭ مەزمۇنى ۋە جامائەت سۇپىلىرى سىستېمىسى ئارقا سۇپىدا ئاپتورلار تاللىغان تۈرگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ، ئۇنى ئاپتوماتىك ھالدا ماسلاشتۇرىدۇ.

  دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى، ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئويلىشىپ، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا بىر پارچە ماقالە ئىچىگە ھازىرچە پەقەت بىرلا ئېلان ئورنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ.

  يېقىنقى ئىككى كۈندە، ئۈندىدار تەرەپنىڭ ئىچكى جەھەتتە سىناق قىلىۋاتقان «دائىم ئالاقىلاشمايدىغان دوستلار» ئىقتىدارى توردا كەڭ تارقالدى. كەسمە سۈرەتلەرگە قارىغاندا، دائىم ئالاقىلاشمايدىغان دوستلار «يېرىم يىل ئىچىدە ئايرىم پاراڭلاشمىغانلار»، «ئورتاق ئۈندىدار توپى يوقلار»، «يېرىم يىل ئىچىدە ئۇنىڭ چەمبىرىكىگە ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلەر» قاتارلىق بىر قانچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىدكەن. ئۈندىدار تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىقتىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇسخا يەنىلا ئىچكى جەھەتتە سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېنىق بولغان ئىقتىدارى يەنىلا ئېلان قىلىنغان يېڭىلانغان نۇسخىسىدىكىنى ئاساس قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر