باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شيوڭئەن قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى

2017.08.08 11:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاۋغۇست، خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو شيوڭئەن قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تاماملىغان. شىركەت خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان، مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان، مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى شېرىكسىز شىركەت بولۇپ، دەسلەپكى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 10 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولغان.

  جۇڭگو شيوڭئەن قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ فۇنكسىيەسى ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىش- مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنى كىرگۈزۈپ،PPP تۈر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى رايون قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ توپلاپ، يېڭى رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ يەرلەرنى 1- دەرىجىلىك ئېچىش، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش؛ بەيياڭديەننىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش- يۈرۈشتۈرۈشنى تەشكىللەش ۋە ئۈستىگە ئېلىش؛ يېڭى رايوننىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى، شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛ يېڭى رايوننىڭ ھەر خىل باغچا رايونى ۋە چوڭ كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا پاي قوشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  جۇڭگو شيوڭئەن قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، بازارچە مەشغۇلات قىلىش، كارخانىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ۋە قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە «مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېچىش، قۇرۇلۇش، تىجارەت قىلىش» بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى رايوننىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى، جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، قارار چىقىرىشى ئىلمىي، كەسپىيلىككە ئىگە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەبلەغ سېلىش- يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر