باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «مەدھىيە»نى كۆردى

2017.08.08 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇسىت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاۋغۇست كەچ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانچاتى تىياتىرخانىسى ناخشا دۇنياسى، ئۇسسۇل دېڭىزىغا ئايلىنىپ، خۇشاللىق ساداسى ياڭرىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «مەدھىيە» بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار بىلەن ئامما بولۇپ 1300 كىشى كېچىلىكنى كۆردى.

  مەدھىيە كۈيلىرى ياڭراپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ نامايەن بولدى. كېچىلىك «بۇ مېنىڭ يۇرتۇم» ناملىق دېكلاماتسىيە ۋە ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. پۈتۈن كېچىلىك «قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلگەندە»، «شىمالدىكى گۈزەل چېگرا رايون»، «ھەمدەم بولايلى»دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 70 يىللىق گۈللىنىش، راۋاجلىنىش جەريانىدىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىزغىن مەدھىيەلەپ، پارتىيەنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل بەرپا قىلىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر