باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ دورا كاتالوگى تەڭشىلىدۇ

740 خىل دورا ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ نىشانلىق دورىسى سۈپىتىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2017.08.08 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2017- يىللىق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتىلىرىنىڭ دورا كاتالوگىنى تەڭشەش خىزمىتى يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، ئالاقىدار دورىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بۇ، 456 خىل غەربچە دورىلارنى ۋە 284 خىل جۇڭيى دورىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگلىنىشىچە، كەڭ ئامما بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان لەينالىدومىد قاتارلىق دورىلار ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان ھەمدە جىددىي ئۆسمە كېسەللىكى نىشان قىلىنغان دورىلارمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.

  شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە دورا تۈرلىرىنى تەڭشەش ۋە ئاتچوت قىلىشتىكى چەكلەش مەزمۇنلىرىنى تەڭشەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى دورا تۈرلىرى بولسا، دۆلەت تەرىپىدىن 2017- يىلى نەشىر قىلىنغان دورا مۇندەرىجىسىگە يېڭىدىن قوشۇلغان دورا تۈرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر شەھەر دورا كاتالوگىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭدا، 2010- يىلى نەشر قىلىنغان ھەمدە شەھەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دورا مۇندەرىجىسىدىكى ئاتچوت قىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى دورا تۈرلىرىنىڭ پرىنسىپلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ، لېكىن دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن مەنئىي قىلىنغان، يەنى، دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش تەلىپى ۋە شەرتىگە، ھەمدە مۇشۇ خىل دورىلار ئارقىلىق داۋالىنىدىغان سۇغۇرتىچىلارنىڭ دورا ئىشلىتىش تەلىپى ۋە شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى مەنئىي قىلىنىپ، يېڭىچە دورا مۇندەرىجىسى تەڭشەپ چىقىرىلدى. دۆلەتنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان دورا تۈرلىرى، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە، بىر تۇتاش تەڭشەلدى.

  لېكىن، ئاتچوت قىلىش جەھەتتىكى چەكلىمىلەرگە ئائىت مەزمۇنلار جەھەتتە، بېيجىڭ شەھىرى تەرىپىدىن 2010- يىلى نەشىر قىلىنغان دورا مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى دورىلارنى ئاتچوت قىلىش چەكلىمىلىرگە ئائىت مەزمۇنلار ئىچىدىكى بەزى مەزمۇنلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن 2017- يىلى نەشر قىلىنغان دورا كاتالوگىدىكى مەزمۇنلار بىلەن بىردەك بولماي قالغان جايلىرى كلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۇرۇلگەن ئاساستا، ھەمدە دورا ئىشلىتىش ئۈزلۈكسىز ۋە مۇقىم بولۇش پرىنسىپى بويىچە، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن دەلىللىنىپ، مۇۋاپىق تەڭشەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر